ھازىرلاش : قازانغا 200 مىلى سۇ ماي قۇيۇپ ، ماي سەل قىزىغاندىن كېيىن 500 گىرام چوڭ توغىرىۋالغان قوي گۆشىمىزنى سېلىپ قىزارتىپ قورىۋالىمىز
ئاندىن ئۈستىگە 2 – 3 تال باش پىيازنى توغراپ سېلىپ قۇرىيمىز
يەنە ئۈستىگە 500 گىرام قىزىل ۋە سېرىق سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە شەكىلدە يوغىراپ سېلىپ قورىيمىز
ئاندىن ئۈستىگە 1 يېرىم قۇشۇق ئەتىراپىدا تۇز سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ قورىيمىز
سەۋزە سەل ئۆلگەندىن كېيىن ئۈستىگە 500 مىلى سۇ قۇيۇپ يەنە ئىچىگە كىشمىشنى 3 تال كىچىك قىزىل مۇچنى يىتەرلىك تۇز ۋە 1 باش سامساقنى پۈتۈن پېتىم سېلىپ 40 مىنوت ئەتىراپىدا قاينىتىمىز
بىر قۇر ئارلاشتۇرۋېتىپ ، ئىچىدىكى قىزىل مۇچ بىلەن سامساقنى ئېلىۋالىمىز
ئەمدى 500 گىرام گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ ، قازانغا سېلىپ تەكشى يېيىۋالغاندىن كېيىن 30 مىنوت ئەتىراپىدا قاينىتىمىز
قاينىتىش جەريانىدا ئارلاشتۇرۇپ سۈيىنى ئازايتىمىز، ئارلىقا ئارلاشتۇرۇپ بولۇپ چوكا بىلەن قوچۇپ يۇرسىڭىز سۈيى تىز قىچىپ گۈرۈچمۇ تەكشى سۇ يەيدۇ
سۈي ئازلىغاندىن كېيىن گۈرۈچنى ئوتۇرسىغا سەل يىشىپ ، بايامقى ئېلىۋەتكەن سامساق بىلەن قىزىل مۇچنى يەنە سېلىپ ، قازاننىڭ تۇۋىقىنى كىچىكىرەك داستىخان يۆگەپ كىچىك ئوتتا 20 مىنۇت ئەتىراپىدا دۈملەپ پۇشۇرىمىز
پولو پىشقاندىن كېيىن 3 مىنۇتىن كېيىن توۋاقنى ئېچىپ پولونى ئارلاشتۇرۋېتىپ ، ئىچىدىكى گۆشلەرنى ئېلىپ توغراپ ، ئاندىن پولونى تاۋاققا ئۇسۇپ ئۈستىگە گۆش ۋە سامساق قىزىل مۇچنى قۇيۇپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ
تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
ئىلتىماس قىلىش
تېز كىرىش