چۈچۈمەل كالا گۆشى تەييارلاش

مەزكۇر مەزمۇن ئاشپەز تورىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى ،تور بېكەت ئادرىسى https://www.axpaz.cn

كىتەرلىك ماتېرىيالى: كالىنىڭ سان گۆشى، غولپىياز، زەنجىۋىل

图片[1]—چۈچۈمەل كالا گۆشى تەييارلاش—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى

  تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، ئاق شېكەر، ناۋات، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، قاقىلە، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، شاتارى، قوۋزاق دارچىن، ئارپا بەدىيان، قاقمۇچ، خولىنجان، لاچىندانە، شىياڭيې، داغۇر، جىياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت

图片[2]—چۈچۈمەل كالا گۆشى تەييارلاش—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى

 تەييارلاش ئۇسۇلى: قازانغا كالا گۆشى چۆكۈشكىچىلىك سۇ قۇيۇپ كالا گۆشىنى سېلىپ قاينىتىمىز؛ قازان قاينىغاندىن كېيىن كۆپۈكچىلىرىنى پاكىزە سۈزۈۋىتىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەم خۇرۇچلىرىدىن ۋە غولپىياز زەنجىۋىللاردىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ، بوش ئوتتا ئىككى سائەت قاينىتىپ پىشۇرۋالىمىز. بىر قاچىغا يۇمشاق سوقۇلغا قىزىلمۇچ ئېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، جىياڭيۇ، ئاچچىقسۇ ۋە كۈنجۈت قوشقاندىن كېيىن، قازاندا بىر چۆمۈچ ياغ قىزىتىپ ئۈستىگە قۇيۇپ، قىيام تەييارلىۋالىمىز.

   كالا گۆشىنى سۈزۈپ ئېلىپ سۇۋۇتقاندىن كېيىن، چىرايلىق شەكىلدە نىپىز توغراپ تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە تەييارلىغان قىيامنى قۇيۇپ تەملەندۈرۈپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

图片[3]—چۈچۈمەل كالا گۆشى تەييارلاش—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى
图片[4]—چۈچۈمەل كالا گۆشى تەييارلاش—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى
توربېتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىۋېلىنىپ رەتلىنىپ تارقىتىلغان ،نەشىر ھوقوقىغا چېتىشلىق مەزمۇنلار بايقالسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز!قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !
© دوستانە ئەسكەرتىش
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قۇيۇڭ
يۈرەك بېرىش0تارتۇقلاڭ
ئىنكاس تۇنجى ئىنكاسنى سىز يېزۋەتمەمسىز

تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز