ئائىلىدە ساڭزا تەييارلاش ئۇسۇلى

مەزكۇر مەزمۇن ئاشپەز تورىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى ،تور بېكەت ئادرىسى https://www.axpaz.cn

خام ماتىرياللار:   تۆت چىنە ئاق ئۇن، 5 جىڭ سۇ ماي، سۇ

图片[1]—ئائىلىدە ساڭزا تەييارلاش ئۇسۇلى—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى

خۇرۇچلار:تۇز،ياغ،كۈنجۇت

图片[2]—ئائىلىدە ساڭزا تەييارلاش ئۇسۇلى—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى

تەييارلاش ئۇسۇلى

   1. ئالدى بىلەن  پىيازنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ تەمى چىققۇچە قاينىتىپ،  ئاخىرىدا سۈزۈلدۈرۈپ سوۋۇتىمىز، بىر چىنە سۇ ماينى قىزىتىپ چۈچۈتۈپ ئۇنىمۇ سوۋۇتىمىز.

   2. ئاق ئۇنغا تېتىغۇدەك تۇز سېلىپ ۋە سوۋۇتۇلغان سۇ ماينى قۇيۇپ (تۆت چىنە ئۇنغا بىر چىنە ماي قۇيۇلسا بولىدۇ)، سوۋۇتۇلغان كاۋاۋىچىن سۈيى بىلەن چىڭراق خېمىر يۇغۇرىمىز؛ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ ئالما چوڭلۇقىدا ئۈزۈپ يۇمۇلاقلاپ، ھەر بىر زۇۋۇلىنى مايلاپ يەنە 15 – 20 مىنۇت تىندۇرىمىز.

   3. ئاندىن قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ تىنغان زۇۋۇلىنى ئىنچىكە ئىشىپ پىلتە قىلغاندىن كېيىن، ئىككى تال چوكىغا ئېلىپ، 7-8 ئۈلۈش قىزىتىلغان ياغدا ئاۋايلاپ پۇشۇرىمىز.

图片[3]—ئائىلىدە ساڭزا تەييارلاش ئۇسۇلى—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى
图片[4]—ئائىلىدە ساڭزا تەييارلاش ئۇسۇلى—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى

ئەسكەرتىش

1. ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا، بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ، چوكىنى تارتىپ ئېلىۋالساق بولىدۇ.

   2. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالساق بۇلىدۇ، پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر – بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك.

   3. ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم؛ ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا، ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام، تېشى كۆيۈك چىقىدۇ (ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر-ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم، ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا، قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ).

ئالاھىدىلىگى

   شەكلى كۆركەم، چۈرۈك ھەم مەززىلىك بولغان ئەنئەنىۋىي گېزەكلەرنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ، كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ. رەڭگى سېرىق، تەملىك، چۈرۈك؛ ھېيتلىق داستىخېنىڭىزنىڭ گۈلتاجىسى بولالايدۇ

تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق

توربېتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىۋېلىنىپ رەتلىنىپ تارقىتىلغان ،نەشىر ھوقوقىغا چېتىشلىق مەزمۇنلار بايقالسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز!قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !
© دوستانە ئەسكەرتىش
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قۇيۇڭ
يۈرەك بېرىش0تارتۇقلاڭ
ئىنكاس تۇنجى ئىنكاسنى سىز يېزۋەتمەمسىز

تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز