ئۆيدە جىياۋماجى تەييارلاش ئۇسۇلى

مەزكۇر مەزمۇن ئاشپەز تورىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى ،تور بېكەت ئادرىسى https://www.axpaz.cn

جىياۋماجى، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ۋە سىچۈەن رايونلىرىدا بىر قەدەر كەڭ تارقالغان ئەنئەنىۋى تائام بولۇپ، ئاساسلىق ماتېرىيالى توخۇ گۆشى، ئاساسلىق پىشۇرۇش ئۇسۇلى دۈملەش؛ بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييارلانغان جىياۋماجى، تەملىك ھەم ئىشتىھانى ئاچىدىغان كېلىدۇ.

图片[1]—ئۆيدە جىياۋماجى تەييارلاش ئۇسۇلى—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى

كېتەرلىك ماتېرىيال: كۆك كاۋاۋىچىن(青花椒)، توخۇ، كاۋاۋىچىن، قاقمۇچ، تۇز، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، قارا شېكەر، سامساق، زەنجىۋىل، غولپىياز، سۇلۇق كىراخمال، ئاق ھاراق

图片[2]—ئۆيدە جىياۋماجى تەييارلاش ئۇسۇلى—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى

تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. توخۇ گۆشىنى يۇۋەتكەندىن كىيىن، ئۈستىگە ئازراق سۇلۇق كىراخمال، تۇز ۋە ئاق ھاراق قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، يېرىم سائەت قويۇپ قويىمىز. بىر ۋاقىتتا، كاۋاۋىچىن بىخىنى(花椒芽) يۇيۇپ پاكىزلايمىز ھەمدە غولپىيازنى بۆلەك ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.
   2. قازانغا ماي قۇيۇش كەتمەيدۇ؛ قازاننى ئازراق قىزىتقاندىن كىيىن، تۇزلاپ تەييارلىغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ، سۇ تەركىبى تۈگىگىچە قورۇيمىز. بۇ ۋاقىتتا، توخۇ گۆشى ئاق رەڭگە ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.

图片[3]—ئۆيدە جىياۋماجى تەييارلاش ئۇسۇلى—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى

   3. توخۇ گۆشىنى قورۇپ سۇ تەركىبى تۈگىگەندىن كىيىن، قازانغا لاۋچوۋ جىياڭيۇسى ۋە قارا شېكەر قوشىمىز ھەمدە ئوتنى كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، توخۇ گۆشىگە رەڭ كىرگۈچىلىك قورۇيمىز؛ بىرلا ۋاقىتتا، تەييار قىلغان كاۋاۋىچىن بىخنىڭ يېرىمىنى ۋە قاقمۇچنى قازانغا سالىمىز.
   4. تەرتىپ بويىچە كاۋاۋىچىن دانىچىسى، زەنجىۋىل، سامساق قاتارلىقلارنى قازانغا سېلىپ، قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن، قازانغا توخۇ گۆشىنىڭ يېرىمى چىلاشقۇچىلىك سۇ قۇيىمىز.

图片[4]—ئۆيدە جىياۋماجى تەييارلاش ئۇسۇلى—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى

   5. ئۈستىگە توغراپ تەييارلىغان غولپىيازنى سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ قازاننى قاينىتىمىز؛ قازان قاينىغاندا ئوتتۇرا كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ 20مىنۇت قاينىتىمىز؛ توخۇ گۆشى پىشقاندىن كىيىن، ئۇسۇپ ئېلىشنىڭ ئالدىدا كاۋاۋىچىن بىخىنىڭ ئېشىپ قالغان يېرىمىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۋەتسەكلا بولىدۇ.

توربېتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىۋېلىنىپ رەتلىنىپ تارقىتىلغان ،نەشىر ھوقوقىغا چېتىشلىق مەزمۇنلار بايقالسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز!قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !
© دوستانە ئەسكەرتىش
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قۇيۇڭ
يۈرەك بېرىش0تارتۇقلاڭ
ئىنكاس تۇنجى ئىنكاسنى سىز يېزۋەتمەمسىز

تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز