مەزكۇر مەزمۇن ئاشپەز تورىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى ،تور بېكەت ئادرىسى https://www.axpaz.cn
بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئائىلىدە تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقا ماس كېلىدىغان سامسا پىشۇرۇش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتېرىيال: ئۇن، قوي گۆشى، كۆك-قىزىلمۇچ، سارماي، پىياز، پەمىدۇر
تەم خۇرۇچلىرى: كاۋاۋىچىن تالقىنى، قارىمۇچ تالقىنى، تۇز، زىرە تالقىنى
تەييارلاش ئۇسۇلى: قاچىغا ئازراق ئۇن ئېلىپ(ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن)، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە سارماي قوشۇپ خېمىر يۇغۇرىمىز؛ خېمىرنى ئادەتتە ئۆيدە پېتىر مانتا خېمىرى يۇغۇرغانغا ئوخشاش، قاتتىقراق قىلىپ يۇغۇرىمىز.
قوي گۆشى، كۆك-قىزىلمۇچ، پىياز، پەمىدۇر قاتارلىقلارنى ئۇششاق توغرىغاندىن كېيىن بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، كاۋاۋىچىن تالقىنى، قارىمۇچ تالقىنى، زىرە تالقىنى قاتارلىقلارنى قوشۇپ قىيما تەييارلىۋالىمىز.
خېمىرنى كىچىك كىچىك قىلىپ ئۈزۈپ، قولىمىزدا ياكى كىچىك نوغۇچ بىلەن يېيىۋالىمىز؛ كەينىدىن قىيمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ رەسىمدىكىدەك سامسا تۈگىۋالىمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: دوخوپكىنى ئالدىن قىزىتىۋالغاندىن كېيىن، تۈگۈپ تەييارلىغان سامسىنى دوخوپكا تەخسىسىگە سېلىپ دوخۇپكىغا سالغاندىن كېيىن، ئاستى ئۈستى ئوخشاش 250 گىرادوسلۇق قىزىقلىققا تەڭشەپ 20 مىنۇت پىشۇرىمىز. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
ئىلتىماس قىلىش
تېز كىرىش