مالا دوفۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان قورۇما بولۇپ، پۇرچاق بوتقىسى، دۇفۇ، كالا گۆشى چانالمىسى، كاۋاۋىچىن ۋە قىزىلمۇچ قاتارلىقلاردىن تەييارلىنىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، مالا دۇفۇ تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئاددىيغىنا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتېرىيال: دۇفۇ، كالا گۆشى، كۆك سامساق، پۇرچاق بوتقىسى، كاۋاۋىچىن
سوقمىسى، ، تۇز، پۇرچاق كىراخمالى(豌豆淀粉)، خاسىڭ مېيى، غولپىياز مايسىسى، جىياڭيۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
1. دۇفۇنى ئىككى سانتېمىتىر چوڭلۇقتا تۆت بۇرجەك توغراپ، ئازراق تۇز قوشۇلغان قايناقسۇغا سېلىپ، پۇرچاق پۇرىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇغا چىلاپ قويىمىز. كۆك سامساقنى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز، زەنجىۋىلنى چاناپ توغرايمىز.
2. قازان ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئاۋۋال كالا گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز؛ گۆش سارغايغاندىن كېيىن پۇرچاق بوتقىسى قوشۇپ بىرگە قورۇيمىز؛ كەينىدىن زەنجىۋىل چانالمىسى، مۇچ تالقىنى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، كالا گۆشىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگۈچىلىك قورۇيمىز.
3. قازانغا سۈزۈك شورپا(گۆش شورپىسى بولسىمۇ بولىدۇ) قۇيۇپ قاينىتىپ، دۇفۇنى سېلىپ 3 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كېيىن، جىياڭيۇ، كۆك سامساق، شېكەر، تۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز؛ كەينىدىن سۇلۇق كىراخمال قوشۇپ سۈيىنى قويۇلدۇرىمىز. ئاخىرىدا تەخسىگە ئۇسۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۈستىگە غولپىياز مايسىسى چانالمىسى ۋە كاۋاۋىچىن
تالقىنى سېپىۋىتىپ ئىستېمال قىلساق بول
تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
ئىلتىماس قىلىش
تېز كىرىش