شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك؟

 ئۇستاملارنىڭمۇ ئاز تولا سەۋەنلىك سادىر قىلىپ قويىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كىرەك؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالغاندىكى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى.

1. ئۇن ياكى گۈرۈچ قوشۇش

    بىر پارچە پاكىزە دوختۇر داكىسى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئازراق ئۇن ياكى گۈرۈچ يۆگەپ شورپىغا سېلىپ قايناتساق، ئۇن ياكى گۈرۈچ شورپىدىكى تۇزنى سۈمۈرۋالىدۇ، شورپىنىڭ تەمىمۇ نورماللىشىدۇ.

1.jpg

2. پىششىق تۇخۇم قوشۇش

   تۇخۇم تۇزنى بەك يەيدۇ، شۇڭلاشقا ئادەتتە تۇخۇم قورىغان ۋاقىتلىرىمىزدا، كۆكتاتلار تەمى ناھايىتى ياخشى، ئەمما تۇخۇم تۇزلۇق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئەگەر شورپىنىڭ تۇز تەمى ئۆتۈپ كىتىپ تۇزلۇق بولۇپ قالغاندا، قازانغا پىششىق تۇخۇم قوشىۋەتسەك، تۇخۇم شورپىدىكى تۇزنى ئۆزىگە تارتىپ، شورپىنىڭ تۇز تەمىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

2.jpg

3. بەرەڭگە قوشۇش

   شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالغاندا، بەرەڭگىنى پارچە قىلىپ توغراپ، بىر پارچە بىر پارچىدىن شورپىغا سالىمىز؛ بىرىنچى پارچىنى سېلىپ بىر مىنوت ساقلىغاندىن كىيىن تېتىپ باقىمىز، ئەگەر تۇز تېخىچە تەڭشەلمىگەن بولسا داۋاملىق ئىككىنچى پارچىنى سالىمىز… تاكى شورپىنىڭ تەمى تەڭشەلگىچە داۋاملاشتۇرىمىز. بەرەڭگە ئادەتتە ناھايىتى تۇز سۈمۈرۈشچان بولۇپ، شورپىنىڭ ئەسلى تەمىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

3.jpg

4. قەنت قوشۇش

    بىر تال قەنت سېلىپ، ئىرىشكە باشلىغان ھامان سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز، چۈنكى قەنتمۇ ئارتۇق تۇزنى سۈمۈرۋالالايدۇ؛ ئەگەر بىر قېتىمدا بولمىسا، داۋاملىق ئىككىنىچى ئۈچىنچى قېتىم تەڭشىسەك بولىدۇ.

4.jpg

5. پەمىدۇر ياكى پۇرچاق ئۇيۇتمۇسى قوشۇش

    قورۇما قورىغاندا ياكى شورپا قايناتقاندا تۇز تەمىنى ئۆتكۈزۈپ سېلىپ تۇزلۇق بولۇپ قالسا، مۇۋاپىق مىقداردا پەمىدۇر ياكى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قوشۇۋەتسەك، تۇزلۇق تەمنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

5.jpg
توربېتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىۋېلىنىپ رەتلىنىپ تارقىتىلغان ،نەشىر ھوقوقىغا چېتىشلىق مەزمۇنلار بايقالسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز!قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !
© دوستانە ئەسكەرتىش
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قۇيۇڭ
يۈرەك بېرىش0تارتۇقلاڭ
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
ئىنكاس تۇنجى ئىنكاسنى سىز يېزۋەتمەمسىز

تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز