چىش ئاغرىقىنى ئائىلىدە داۋالاش رېتسېپلىرى

چىش ئاغرىقىنى ئائىلىدە داۋالاش رېتسېپلىرى

رېتسېپ:

تۇز سېلىنغان ئىسسىق سۇدا ئېغىزنى چايقىسا، ئېغىز پۇراش، چىش بوشاپ قېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ:

چىش ئاغرىپ كەتكەندە، بىرئاز ئاش تۇزىنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ، توختىماي ئۇۋۇلاپ بەرسە، 10 نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئاغرىق توختايدۇ.

رېتسېپ:

چىش ئاغرىپ كەتكەندە، چوكىنىڭ ئۇچىغا تېتىتقۇ ئېلىپ ئاغرىۋاتقان چىشقا تەگكۈزۈپ قويسا، ناھايىتى تېزلا ئاغرىق توختايدۇ.

رېتسېپ:

پاختىنى سۇ يېغىغا چىلاپ ئاغرىق چىشنىڭ ئۈستىگە قويسا، ئاغرىق دەرھال توختايدۇ.

رېتسېپ:

توغرىغۇنىڭ كرىستال ھالاتتىكى قىسمىنى ئېلىپ قۇرت يېگەن چىشنىڭ كامىرىغا سالسا، ئاغرىق دەرھال توختايدۇ.

رېتسېپ:

كۇشتە قىلىنغان بۇغا مۈڭگۈزى تالقىنىدىن مۇۋاپىق ئېلىپ، سىركە بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئاغزىنى چايقاپ بەرسە، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ:

چالا پىشىرۇلغان تۇخۇم سېرىقىغا مۇۋاپىق ھالدا سىركە ئارلاشتۇرۇپ چىشىغا سۈركىسە، سوغۇقتىن بولغان چىش ئاغرىقى ياكى قاماپ قالغان چىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ:

كالا يېغىنى ئىلمان ھالدا ئېغىزغا ئالسا، نېرۋا خارەكتىرلىك چىش ئاغرىقى ئۈچۈن شىپا بولىدۇ.

رېتسېپ:

قىزىلمۇچتىن بىر تالنى ئوتقا قاقلاپ قىزىتقاندىن كېيىن ئاغرىق چىشنىڭ ئۈستىگە قويسا ئاغرىق توختايدۇ.

رېتسېپ:

ئاقمۇچ بىلەن قارىمۇچتىن بىرتالدىن ئېلىپ بىللە ئېزىپ، قۇرت يېگەن چىشنىڭ كامىرىغا سالسا، ئاغرىق دەرھال توختايدۇ.

رېتسېپ:

چىش بەك ئاغرىپ كەتكەندە، بارماق بىلەن قۇلاق سۇپرىسىنى يۇمشاق ئۇۋۇلاپ بەرسە ئاغرىق توختايدۇ.

رېتسېپ:

سامساقنى چاۋا ياغ بىلەن پىشۇرۇپ چىش تۈۋىگە قويسا، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.

رېتسېپ:

شاپتۇل يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ ئىلمان ھالەتتە قۇرت يېگەن چىشىغا تېمىتسا، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ:

پىياز يوپۇرمىقىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، تۈتۈنىدە قۇرت يېگەن چىشىنى بۇسلىسا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

رېتسېپ:

چىش سوغۇقتىن ئاغرىغان بولسا، مۇۋاپىق مىقداردىكى كاۋاۋىچىننى ھاراق رومكىسىغا سېلىپ، ئۈستىگە ھاراق قۇيۇپ، ھاراققا ئوت يېقىپ، ھاراق رەڭگى سېرىققا ئۆزگەرگەندە ئوتنى ئۆچۈرۈۋىتىپ سەل سوۋۇغاندىن كېيىن ئېغىزنى چايقىسا، چىش ئاغرىقىنى دەرھال توختىتىدۇ.

رېتسېپ:

سامساقنى ئېزىپ چىقىرىلغان سۈيىدە پاختىنى ھۆلدەپ چىش تۈۋىگە باسسا، چىش ئاغرىقىنى توختاتقىلى بولىدۇ.

رېتسېپپ:

ئاغرىغان چىشقا كەپتەر باچكىسىنىڭ قېنىنى ئېقىتىپ بەرسە، چىش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

رېتسېپ:

قۇرت يېگەن چىش ئاغرىغاندا قىزىلمۇچتىن بىر تالنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇپ، كۆپكەندىن كىيىن سەل سوۋۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ئازراق ئېلىپ ئاغرىۋاتقان چىشقا باسسا، ئاغرىق توختايدۇ. ئەگەر بىر قېتىمدا توختىمىسا، يەنە بىر قېتىم بېسىش كېرەك، ۋاقتى بەش مىنۇت بولسا كۇپايە.

رېتسېپ:

بىر دانە توخۇ ئۆتى بىر ئاز ئاق ھاراق بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، پەلكۈچ بىلەن ئاغرىغان چىشقا تەگكۈزۈلسە، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

رېتسېپ:

چىش ئاغرىغاندا، چىشنىڭ قۇرت يېگەن يېرىنى پاكىز تازلاپ، سوقۇلغان سامساقنى بىر ئاز تىقىپ قويسا، ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.

رېتسېپ:

ئەگەر ئاچچىق-چۈچۈك مېۋىلەرنى يېگەنلىك سەۋەبلىك چىش قاماپ قالسا، خام سامساقنى چاينىسا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ:

پىيازنىڭ سۈيىدىن پاختىغا تېمىتىپ، چىشىغا تەكگۈزسە ئاغرىق توختايدۇ.

رېتسېپ:

خام قاپاقنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى غار-غار قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ:

قاپاقنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە گۈل يېغى قوشۇپ چىشىغا تېمىتىلسا، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ:

چامغۇر يوپۇرمىقى سۈيىدە چىشىنى يۇيۇپ بەرسە، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ:

چامغۇر شىرنىسىنى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، باش ۋە چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ:

شوخلىنى مېۋە ئورنىدا ئۇدا ئىككى ھەپتىگىچە يەپ بەرسە، چىش قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ:

پىننىنى چايناپ بەرسە، چىش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.

رېتسېپ:

كاۋاۋىچىندىن 15 گىرام، ئاچچىقسۇدىن 60 مىللىلىتىر ئېلىپ، ئىككىسىنى 10 مىنۇت قاينىتىپ، تىرىپىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، سۈيى ئىلمان بولغاندا ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، چىشنىڭ ئاغرىشى دەرھال توختايدۇ.

رېتسېپ:

100 گرام ھەسەلگە ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمىنى چېقىپ، ئازراق قايناقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنى بىر مەزگىل ھەركۈنى ئەتىگەندە ئىچىپ بەرسە، چىش ئاغرىش كېسىلى ساقىيىپ كېتىدۇ.

رېتسېپ:

ئۆرۈك مېغىزىنى سوقۇپ، سىركە بىلەن ئېغىزدا ئېلىپ تۇرسا، چىش ئاغرىقى ساقىيىدۇ

توربېتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىۋېلىنىپ رەتلىنىپ تارقىتىلغان ،نەشىر ھوقوقىغا چېتىشلىق مەزمۇنلار بايقالسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز!قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !
© دوستانە ئەسكەرتىش
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قۇيۇڭ
يۈرەك بېرىش0تارتۇقلاڭ
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
ئىنكاس تۇنجى ئىنكاسنى سىز يېزۋەتمەمسىز

تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز