بالىلار ئائىلە تەربىيەسىدىكى سەككىز تۈرلۈك ئالتۇن قانۇنىيەت

 بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنىدىغىنىمىز، بالىلارنىڭ ئاددىيلىقتىن مۇنەۋۋەرلىككە قاراپ يىتەكلەيدىغان، بالىلار ئائىلە تەربىيەسىدىكى سەككىز تۈرلۈك قانۇنىيەت بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆرنەك ئېلىشىغا ئەرزىيىدۇ.

图片[1]—بالىلار ئائىلە تەربىيەسىدىكى سەككىز تۈرلۈك ئالتۇن قانۇنىيەت—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى

بالىلارنى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش
    بالىلارنى، ھەرقانداق بىر ئىشنى ئۆزى مۇستەقىل ئورۇنلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كىرەك؛ بۇنىڭدا، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
ھەرقانداق ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولىدۇ، كىيىنكى مەزگىللىرىدە ئاسانلىشىدۇ
    بالىلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئىتراپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىش ھەۋەسلىرىنى قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كىرەك. ئەگەر ئىشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولمىسا، ئۇلار “ھەرقانداق ئىشنىڭ باشلىنىشى قىيىن” دەپ ئېيتىڭ.
ئىشەنچ بولسا ئىرىشكەن ئەڭ ياخشى جاۋاپ
   بالىلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇشتا، ئىشەنچ كۆپىنچە ھاللاردا كەمپىتكە قارىغاندا بەكرەك ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.
سىرتقى كۆرنۈشى ھەممىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ
    بەزى بالىلارنىڭ سىرتتا سەيلى قىلغان ھالىتى كۆرسىڭىز قورقۇپ كىتىشىڭىز مۇمكىن، ئۇلار ھەمىشە ئۈستى بېشى توپا لاي، كىيىملىرىنىڭ تۈگمىلىرى ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ قالغان… بىراق سىز بۇنى كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ. كىيىم كېچەكنىڭ رەتلىك ھەم پاكىزە بولۇشىنىڭ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى بىلەن بەك مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا كىچىك بالىلارنىڭ ئوبرازىغا بەك قاتتىق تەلەپ قويىۋالمىسڭىزمۇ بولىدۇ.

图片[2]—بالىلار ئائىلە تەربىيەسىدىكى سەككىز تۈرلۈك ئالتۇن قانۇنىيەت—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى

بالىلارنىڭ رەتسىزلىكىنى قوبۇل قىلىشىڭىز كىرەك
    يەھۇدىلارنىڭ بالىلىرى ھەمىشە ياتاق ئۆيىنى قالايمىقان قىلىۋىتىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بۇنىڭدىن بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار بۇ سەۋەپلىك بالىسىنى ئەيىبلىمەيدۇ، ئەكسىچە بالىسىنىڭ نوقتىسىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىدۇ.
بالىلارنى قانغۇچە ئوينىغىلى قويۇش
    بالىلىرىڭىز ئويناۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇلارنى “ھەي ئۆمىلىمە”، “ھەي ئاستىراق يۈگۈر” … … دەپ ئۇلارنى توسۇپ قويماڭ ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئىنىرگىيىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قويۇپ بىرىپ ئوينىغىلى قويۇڭ. بۇنىڭدا، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىيىن، بىر ئىشلارنى قىلغاندا ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان ھەمدە ئاسانلىقچە بوشىشىپ قالمايدىغان بولىدۇ.
ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى ھۆرمەتلەش
    ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى ھۆرمەتلىمەسلىككە قەتئى بولمايدۇ. بالىلارنى ئەركىن قويۇۋىتىش توغرا، ئەمما ئاتا-ئانىسىغا بويۇنتاۋلىق قىلىدىغان ھەتتا ئاتا-ئانسىىنى تىللايدىغان قىلمىشلار سادىر بولۇپ قالسا، ئۇلارنى قاتتىق جازالاش كىرەك.
ئۆزمەن تىرىشىپ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش
    بالىلار بىرەر ئىشنى ئورۇنلىماقچى بولغاندا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردەملىشىشىنى ئۈمىد قىلماي، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

توربېتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىۋېلىنىپ رەتلىنىپ تارقىتىلغان ،نەشىر ھوقوقىغا چېتىشلىق مەزمۇنلار بايقالسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز!قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !
© دوستانە ئەسكەرتىش
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قۇيۇڭ
يۈرەك بېرىش0تارتۇقلاڭ
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
ئىنكاس تۇنجى ئىنكاسنى سىز يېزۋەتمەمسىز

تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز