مەزكۇر مەزمۇن ئاشپەز تورىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى ،تور بېكەت ئادرىسى https://www.axpaz.cn
خام ماتىرىيالى: لەڭپۇڭ ئۇنى ،سۇ ،قىزىلمۇچ،يۇمغاقسۇت

تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، ئاچچىقسۇ،ئەتكەن مۇچ، سامساق، غولپىياز، ئاق شېكەر

تەييارلاش ئۇسۇلى: كېراخمالغا سوغۇق سۇ قۇيۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ،( بىر نەچچە سائەت تىندۇرۇپ) ، ئۈستىدىكى سۈيىنى ئاستا تۆكۈپ تەييار قىلىۋالىمىز. ئاندىن يەنە سوغۇق سۇ قۇيۇپ قول بىلەن تەكشى ئارلاشتۇرۇپ سۇيۇقلاندۇرىمىز.

قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ تەييار قىلغان كىراخمالنى سىلىپ ئازراق تۇز سالىمىز. ئاندىن كېراخمالنى قوچۇپ ، كېراخمال قويۇلغاندا4~5مىنۇت قاينىتىپ لىگەن ياكى پەتنۇسلارغا ئۇسۇپ بىر نەچچە سائەت تەبىئى سۇۋۇتۋالىمىز .

قىزىلمۇچ ،يۇمغاقسۇتلەرنى ئۇششاق دانچە توغرىۋالىمىز.




سۇۋۇپ تەييار بولغان لىغىلداقنى ئۇزۇنچاق قىلىپ تەكشى توغراپ بىر قاچىغا ئېلىۋالىمىز.



توغراپ تەييار بولغان لىغىلداقنىڭ ئۇستىگە قىزىلمۇچ ،يۇمغاقسۇتلەرنى تەكشى سىپىمىز.

تەملەندۇرۇش ئۇسۇلى: بىر قاچىغا تۇز، ئاچچىقسۇ، لازا يىغى ، سوقۇلغان سامساق، شىكەر، قاتارلىقلارنى سىلپ ئارلاشتۇرۇپ لىغىلداقنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز.

ئالاھىدىلىكى: لەڭپۇڭ سىلىق، سالقىن، ئاچچىق-چۈچۈك بولىدۇ.
توربېتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىۋېلىنىپ رەتلىنىپ تارقىتىلغان ،نەشىر ھوقوقىغا چېتىشلىق مەزمۇنلار بايقالسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز!قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !
تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
ئىلتىماس قىلىش
تېز كىرىش