مەزكۇر مەزمۇن ئاشپەز تورىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى ،تور بېكەت ئادرىسى https://www.axpaz.cn
خام ماتىريالى: قوي گۆشى، غولپىياز، بەسەي، كۆكمۇچ، شەنلاجاۋ، سامساق، زەنجىۋىل، تۇخۇم ، مور ، ئۇن
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن ئۇنى، جىياڭيۇ، كىراخمال،تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى
![图片[2]—لاۋپەيزى گۈيرۇ لەغمەن—كېلەچەك ئۇنىۋېرسال تورى](https://tamzat.com/upload/images/1636031865637.png)
تەييارلاش ئۇسۇلى: خېمىرنى ئېتىنى نۇرمال قىلىپ لەغمەن خېمىرى يۇغۇرۋالىمىز. زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىننى قايناق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز. گۆشنى نىپىز يالپاق چاسا شەكىلدە توغراپ تۇز، كىراخمال، تۇخۇم، جاڭيو، ئازراق سۇ يېغى، ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن ئۇنى، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى قاتارلىقلار بىلەن تەملەندۇرۋالىمىز. بەسەينى نىپىز ياپلاقلاپ توغرايمىز ، كۆكمۇچنى ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە توغرىۋالىمىز، غولپىيازنى قىيپاچ تۇغرايمىز،سامساقنى زەنجىۋىللەرنى يالپاقلايمىز، شەنلاجاۋنى قىسقا بۆلەك توغرايمىز.ھەقلىق مەزمۇن ئايرىش سىزىقى
تەم شىرنىسى تەييارلاش ئۇسۇلى:بىر قاچىغا سوڭەك شورپىسى ياكى قايناقسۇ قۇيۇپ بۇنىڭغا تۇز، ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن، ساۋگۇ جاڭيۇ، كىراخمال سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ تەم شىرنىسى تەييارلىۋالىمىز.
قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا قازانغا بەش چۆمۈچ ئەتراپىدا ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا تەملەندۈرۈلگەن گۆشنى سېلىپ قىزغۇچ سارغىيىپ پىشقاندا، بەسەي، كۆكمۇچلارنىمۇ بىرگە سېلىپ ياغدىن ئۆتكۈزۋالىمىز. قازانغا قايتىدىن يېرىم چۆمۆچ ياغ قۇيۇپ نورمال قىزىغاندا غولپىياز، سامساق ، زەنجىۋىل، شەنلاجاۋلانى سېلىپ قورۇپ ئارقىدىن مايدىن ئۆتكۈزۋالغان گۆش ، بەسەي، كۆكمۇچلارنى سېلىپ بىللە قورۇپ بولغاندىن كىيىن مورنى سېلىپ، تەييارلانغان تەم شىرنىسىنى قۇيۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئېلىپ پىشۇرۇلغان ئاق چۆپ بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ .
تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
ئىلتىماس قىلىش
تېز كىرىش