ئاياللار چوقۇم كىيىم كىيگەندە كىيىمنىڭ رەڭگىنى ماسلاشتۇرۇشنى بىلىش كىرەك.
بىز ئاسىيالىقلارنىڭ تىرىسنىڭ رەڭگى سېرىققا تەۋە ، ئۇنداقتا قىچا تالقىنى سېرىق ۋە يېشىل رەڭلىك كىيىملەر، كۆك رەڭ ۋە توپا رەڭلىك كىيىملەرنى كىيگەندە تېرە رەڭگى تېخىمۇ سىرىق كۆرۈنىدۇ . رەڭشۇناسلىق پىرىنسىپىدا ، سېرىق تەنلىكلەر كىيىم كىيگەندە ئاق رەڭ ، كۈل رەڭ، قىزىل ھاراق رەڭ، قارا رەڭلىك، كۆك رەڭلىك، تېرە رەڭگى ۋە جىگەر رەڭ قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ كىيسە ، قارىماققا بىر قەدەر نەپىس ، كىلاسسىك كۆرنىدۇ، بۇ باشقا رەڭلىك كىيىملەرنى كىيگىلى بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس پەقەت سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا بۇ رەڭ ئاسان تىرىگە ماسلىشالايدۇ دىگەنلىك.
كۆپ ئۇچرايدىغان رەڭلىك كىيىملەرنىڭ ماسلىشىشى :
1. قىزىل رەڭ،ئاق رەڭلىك ، قارا رەڭلىك، كۈلرەڭ، كۆكۈش رەڭلىك، ئاچ سېرىق، كۈل رەڭلىك كىيىملەر ئۆز-ئارا ماسلىشىدۇ.
2، قىزغۇچ ھال رەڭ سەپلەش ، قارا رەڭلىك، كۈل رەڭ، سىياسىمان يېشىل رەڭ، ئاق رەڭلىك، ئاچ سېرىق، جىگەر رەڭلىك كىيىملەر ئۆز-ئارا ماسلىشىدۇ.
3.قىزغۇچ سېرىق رەڭ سەپلەش ئاق رەڭلىك ، قارا رەڭلىك، كۆك رەڭلىك كىيىملەر ئۆز-ئارا ماسلىشىدۇ.
4. سېرىق بىنەپشە رەڭ سەپلەش ، كۆك رەڭ، ئاق رەڭلىك، قەھۋە رەڭ، قارا رەڭلىك كىيىملەر ئۆز-ئارا ماسلىشىدۇ.
5، ئاچ سېرىق رەڭ قەھۋە رەڭ سەپلەش ، ئاق سېرىق، خىش قىزىل ، كۆكۈچ يېشىل رەڭ، قارا رەڭلىك كىيىملەر ئۆز-ئارا ماسلىشىدۇ.
6، يېشىل رەڭ سەپلەش ئاق رەڭلىك ، ئاچ سېرىق، قارا رەڭلىك، تۇتۇق سۆسۈن رەڭ، كۇلرەڭ، قېنىق قوڭۇررەڭلىك كىيىملەر ئۆز-ئارا ماسلىشىدۇ.
7، قارامتۇل يېشىل رەڭ، ھال رەڭ سەپلەش ، سۇس سۆسۈن رەڭ ، كاۋا چېچىكى سېرىق، كۆكۈچ يېشىل رەڭلىك كىيىملەر ئۆز-ئارا ماسلىشىدۇ.
8.كۆك رەڭ سەپلەش ئاق رەڭلىك ، سۇس ھاۋا رەڭ، بېغىر رەڭلىك ، ئالتۇن رەڭلىك، كۈمۈشرەڭ، زەيتۇن رەڭ، ئاپېلسىن رەڭ، سېرىق رەڭلىك كىيىملەر ئۆز-ئارا ماسلىشىدۇ.
9، سۇس كۆك رەڭ سەپلەش ئاق رەڭلىك ، بېغىر رەڭلىك بولىدۇ ، سۇس كۈلرەڭ، سۇس سۆسۈن، رەڭ، كۇلرەڭ كۈكۈش، ھال رەڭلىك كىيىملەر ئۆز-ئارا ماسلىشىدۇ.
10، سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەرگە سۇس ھال رەڭ سەپلەش ، رەڭگى كۇلرەڭ بولسا كۈكۈش، سارغۇچ يېشىل، ئاق رەڭلىك، قىزغۇچ سۆسۈن رەڭلىك، سۇر رەڭ، قارا رەڭلىك كىيىملەر ئۆز-ئارا ماسلىشىدۇ.
11، قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك كۆك ، ھال رەڭ، ئاق رەڭلىك، قارا رەڭلىك، بىنەپشە رەڭ، سىياسىمان يېشىل رەڭ قاتارلىق رەڭلەر بىرقەدەر يارىشىملىق كۆرسىتىدۇ.
رەڭ تەڭشىگەندە زۆرۈر بولغان ئىناق رەڭلەرنى ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىپ تەڭشىشى كېرەك . ئادەتتە سۇس رەڭلىك كىيىملەردە تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسى يۈز بەرمەيدۇ ، ئاستى تەرەپكە قارامتۇل رەڭلىك كىيىملەرنى كىيسەكمۇ ماسلىشىدۇ،
ئەگەر بەلنىڭ ئۈستىگە كۈل رەڭ ، سۇس رەڭلىك كىيملەرنى كىيسە ، ئاياغ ماسلاشتۇرۇشتا رەڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ ، شۇڭا قارامتۇل رەڭ بىر قەدەر مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك . بەدەن شەكلى ۋە كىيىم ماسلاشتۇرۇشتا كىشىلەر ھەمىشە ئېگىز ھەم ئورۇق بەدەن تىپنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەتتە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇكى يۇقىرى تەرىپى سېمىز ، پاكار ئورۇق تىپ ، پاكار تىپ قاتارلىق تىپلارغا ئايرىلىدۇ . بۇ خىل كۆز قاراشنى، خاتا دېگىلى بولمايدۇ . كىيىم – كېچەك لايىھىلىگۈچى كىشىلەرنىڭ بەدەن سىزىقىغا ئاساسەن يىغىنچاقلاپ چىقىلغان بەش خىل ئاساسىي تەن شەكلى .
1.قاپاق شەكىللىك بەدەن شەكلى:
بويى خۇددى قاپاق ئوخشاش ، كۆكرەك، ساغرىسى تولغان، بەل قىسمى ئىنچىكە ، نازۇك ، ئىنتايىن جەلىپكار . بۇنداق بەدەن شەكىلدىكى ئاياللار تكۋەندىكىدەك كىينسە بولىدۇ .مەسىلەن :تۆۋەن ياقىلىق ، بېلى چىڭ بولغان تار يوپكا ياكى 八 شەكىللىك كۆڭلەكلەرنى، تاڭ دەۋرلىرىگە ئائىت يۇمشاق بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيسە ياخشى بولىدۇ . پاخپىيىپ تۇردىغان كىيىم – كېچەكلەرنى كىيسە سېھرىي كۈچى نامايەن بولمايدۇ. لېكىن بۇ بەدەن شەكلىنىڭ كەمچىلىكى بولسا ، ئۇدۇل شەكىللىك غەربچە كىيىم ياكى ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كىيسە بەك ياراشمايدۇ ، بەل قىسمى ئىنچىكە كۆرنۈپ قالىدۇ.
2، ئۆلچەملىك تىپ:
زىۋا بويلۇق، كۆكرەك قىسمى ئوتتۇراھال ياكى كىچىك بولىدۇ، ، قورساق قىسمى ۋە يوتا قىسىمى ياپىلاق بولىدۇ، بۇ خىل تەن شەكلىگە ، كىيىم كىيىش بىر قەدەر ئاسان بولۇشى مۇمكىن ، لېكىن تار ئىشتان ياكى تۆۋەن بەللىك ئۇزۇن ئىشتان كىيىشتىن ساقلىنىش كېرەك . ماس كېلىدىغان ئازادە لەيلەپ يۈردىغان چاپان ، پۈرمىلىك يوپكا ، ئازادە كىيىم كىيسمەم بۇلارمۇ ، دەپ ئۇقالمايۋاتىقانلار ، كەڭ پۈرمىلىك ئۇزۇن ئىشتان قاتارلىقلار نى كىيسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
3. نەشپۈت تىپلىق:
كۆكرەك قىسمى كىچىك ، قورساق قىسمى ، ساغرا قىسمى يوغان كىلىدۇ، شەكلى خۇددى بىر تال نەشپۈتكە ئوخشايدۇ . قورساق قىسمى يوغان بولغاچقا ، كۆپ ھاللاردا شەكىللەنگەن بەل سىزىقى يەنى بەل ئايلانمىسى بىر قەدەر قىسقا كىلىدۇ.بۇنداقلار ئازادە ماس كېلىدىغان كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىش كىرەك، بەل قىسىمىنى قىسقا كۆرسىتىپ قويىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
چاپان ئازادە بولسا ، ساغرىسنى توسۇپ تۇردىغان چاپان كىيسە مۇۋاپىق بولىدۇ ، پۈرمىلىك ئۇزۇن ئىشتان كەڭ چاپان ، كىيسە بەدەن شەكلىنى نامايەن قىلالايدۇ . نەشپۈت تىپىدىكى بەدەن شەكلىگە كىردىغانلار ئەڭ ياخشسى تىزىغا كېلىدىغان ئىشتان كىيشتىن ساقلىنىش كىرەك .
4.پۇتى توم تىپ:
ساغرا ۋە يوتقىدا گۆش ئۆسۈۋاتقان بولسا قارىماققا خۇددى يوتا يېنىغا بىرنەرسە ئېسىپ قويغاندەك كۆرنىدۇ . بۇ خىل بەدەن تىپىدىكىلەر تار ئىشتان كىيىشتىن مۇتلەق ساقلىنىش كېرەك . پاسونى ئاددىي پۈرمە يوپكا ياكى ئۇزۇن ئىشتان كىيىسە ، رەڭ ئوچۇقلۇق دەرىجىسى ۋە بىرقەدەر تۇتۇق بولغان رەڭلىك كىيىملەرنى كىيسە بولىدۇ . ئۈستىگە ، رەڭدار يىپەك ياغلىق تاقاش ، مەرۋايىت ياكى زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىسىش ماس كەلمەيدۇ .
5، كىچىك تىپلىقلار:
بوي ئېگىزلىكى ئادەتتە 155 سانتىمېتىردىن تۆۋەن كىچىك تىپلىقلار ، مەيلى قايسى جۇغى ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ، كىيىم – كېچەك دائىرىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئېگىز ، قاۋۇللاردىن پەرىقلىنىدۇ، بەدىنى كىچىك بولىدۇ . ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىسە بولىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن بويى ئېگىز كۆرنىدۇ .
ئۇنىڭ ئۈستىگە قارىماققا رەتلىك كۆرنىدۇ، قىسقا، تۈز سىزىقلىق كىيىملەرنى كىيسە بولىدۇ، ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ ، بېشىدىن ئايىغىغىچە رەڭ يۈرۈشلۈكىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىم كىيسە بولىدۇ ، چوڭ گۈللۈك رەخت ، قېلىنراق رەخت ، بەك كۆپ رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
ئىلتىماس قىلىش
تېز كىرىش