1.پىدىگەننى يېڭى پېتى ساقلاشتىن بۇرۇن سۇدا يۇيۇشقابولمايدۇ،بولمىسا مىكروپلارنىڭ چىرىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سىرتقى قەۋىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ،ئەڭ ئۆنۈملۈك ئۇسۇل بېۋاستە يېڭىپېتى ساقلاش خالتىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ سالقىن،ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قۇيۇپ قويساقلا بولىدۇ.

2.باناننىڭ باش تەرىپىنى يۇمران ساقلاش يالتىرىقى بىلەن ئوراپ سالقىن جايغا قۇيۇپ قويسىڭىزرەڭگى ۋە تەمى ئۇزۇنغىچە ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدۇ.

3.پەمىدۇرنى يېڭى پېتى ساقلاش ئۈچۈن توڭلاتقۇ بولمىسىمۇ بولىدۇ،پەمىدۇرنى پىلاستىك خال تىغاقاچىلاپ ئېغىزىنى چىڭ بۇغۇپ سالقىن ،شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قۇيۇپ،كۈندە ئېغىزنىبىر قېتىم ئېچىپ شامال ئالماشتۇرۇشقا،سۇ پارىنىڭ يىغىلىپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلساقلا 30كۈن يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ.

4.بۆلجۈرگەننى ئاچچىقسۇ بىلەن چىلاشتۇرۇپ بوپ ساقلىسا ئۆنۈمى ئالاھىدە ياخشى بۇلىدۇ،ئەلۋەتتە،يىيىشتىن بۇرۇن سۇ بىلەن بىر قېتىم چايقىۋېتىش كېرەك.

5.يېشىل كۆكتاتنى سولياۋ خالتىغا قاچىلاپ ئېغىزىنى مەھكەم ئىتىپ توڭلاتقۇدا ساقلىغاندا ئۆنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

6.ياڭيۇ(بەرەڭگە)نى ئالما بىلەن بىللە ساقلىغاندابىخلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

7.كۈدە ۋە كۈدىگە ئوخشاش ئاسان ساغىرىپ ،بۇزۇلۇپ قالىدىغان كۆكتاتلارنى يېسىۋېلەك يۇپۇرمىقىغا ئوراپ شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايداساقلىغاندا شۇ پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ،

8.كۆك پۇرچاق تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بىيولوگىيىلىك ئىشقارلار بولىدۇ،ساقلاشتىن بۇرۇن قايناقسۇغا بېسىپ قۇرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن يېڭى پېتى ساقلاش خالتىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ سالقىن جايدا ساقلىغاندا رەڭگى،تەمى ۋە شەكلى ئۆزگەرمىگەن ھالدا بىرئاي ساقلىغىلى بولىدۇ.

9.ئىشلىتىپ بۇلۇنمىغان پىيازنى سۇلياۋ بوتولكىغاقاچىلاپ ساقلىغاندا ئۆنۈمى ياخشى بولىدۇ.

10.موگوقاتارلىق زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلىماي قەغەز خالتىغاسېلىپ ساقلىغاندا ئۆنۈمى نەچچە ھەسسە ياخشى بولىدۇ.

11.بېلىقنى توڭلاتقۇداساقلىغاندا ئاسانلا قۇرۇشۇپ كېتىدۇ ،شۇڭا تۇزسۈيى سېلىنغان تەلەڭگىگە سېلىپ توڭلاڭقۇدا ساقلىسىڭىز ئۆنۈمى ياخشى بولىدۇ.

12.قۇرۇتۇلغان بېلىق،قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك قاتارلىق قۇرۇتۇلغان دىڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بىر پارچەسامساق بىلەن خالتا ياكى قۇتىغا قاچىلاپ،ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ سالقىن جايداساقلىساقلا كۇپايە.

كېلەچەك تورىمىز تەرجىمىسى،باشقا سالونلار كۆچۈرگەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ
توربېتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىۋېلىنىپ رەتلىنىپ تارقىتىلغان ،نەشىر ھوقوقىغا چېتىشلىق مەزمۇنلار بايقالسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز!قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !
تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
ئىلتىماس قىلىش
تېز كىرىش